خىتايدا بايقالغان يېڭى بىر ۋىرۇس بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

خىتايدا بىر مال دوختۇرى «مايمۇن  B- BV » ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى.

1677084
خىتايدا بايقالغان يېڭى بىر ۋىرۇس بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنداق قىلىپ قىلىپ خىتايدا «مايمۇن  B- BV »  ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن تۇنجى ئۆلۈم يۈز بەرگەن بولدى.

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا 53 ياشلىق مال دوختۇرى كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇشتەك بىئاراملىق باشلىنىپ، بىر ئايدىن كېيىن قىزىتما ۋە نېرۋا كېسەللىك ئالامەتلىرىنىمۇ كۆرسىتشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ «CDC» ھەپتىلىك خەۋەر تور بېكىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 53 ياشلىق مال دوختۇرى مارت ئېيىنىڭ بېشىدا ئىككى ئۆلۈك مايمۇننى تەكشۈرگەندىن كېيىن «مايمۇن  B- BV » ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

مال دوختۇرى ئوخشىمىغان بىر قانچە دوختۇرخانىدا داۋالانغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمەي 27-مايدا قازا قىلغان.

ئاپرېلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار كېسەللىككە ئىسىم قويۇش ئۈچۈن بىماردىن ئومۇرتقا سۇيۇقلۇقى، قان، بۇرۇن سۇيۇقلىغى ۋە پلازما قاتارلىق ئەۋرىشكىلەرنى ئالغان.

خىتاي دۆلەتلىك ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئىنستىتۇتىغا ئەۋەتىلگەن ئەۋرىشكىلەردە، «RT-PCR» تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە «BV» ۋىرۇسى بايقالغان.

خىتاي دائىرلىرى قازا قىلغان بىمار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولغان بارلىق تۇغقانلىرىنىڭ سىناقلىرىنىڭ مەنپىي چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ۋىرۇسنىڭ مال دوختۇرلىرى، ھايۋاناتلارنى ئاسراش خادىملىرى ۋە تەجرىبىخانا تەتقىقاتچىلىرىغا يۇقۇش خەۋپى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر