فىرانسىيەدىكى  نامايىشقا 114 مىڭ كىشى قاتناشتى

فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە كوۋىد-19 ۋاكسىناسىنىڭ مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرىلىشى ۋە سالامەتلىك كارتىسىغا قارشى تەشكىللىگەن نامايىشقا 114 مىڭ كىشى قاتناشتى.

1676921
فىرانسىيەدىكى  نامايىشقا 114 مىڭ كىشى قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، پايتەخت پارىژ، لىئون، مارسېل، پېرپىگنان، لىل ۋە تۇلۇس قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 114 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پارىژدا 3 ئايرىم-ئايرىم  نامايىشقا جەمئىي 18 مىڭ نامايىشچىنىڭ قاتناشقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشقا قاتناشقانلار سانىنىڭ 150 مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بىخەتەرلىك قىسىملىرى لىئوندىكى نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇردى  ۋە بۇ جەرياندا 9 نامايىشچىنى نازارەتكە ئالدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى گابرىئېل ئاتتال «Le Parisien» گېزىتىگە بەرگەن بايانىدا، نامايىشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە تەدبىرلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، بەزىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ۋاكسىناغا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلار سانىنىڭ بولسا، ئاز سسانلىق ئىكەنلىكىنى  ۋە ئۇلارنىڭ تاللاشلىرىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گابرىئېل ئاتتال ۋاكسىنا ئەملەنگەن 37 مىليون كىشىگە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىككىلەنگەن ئائىلە ئەزالىرىنى ۋە دوستلىرىنى قايىل قىلىشتا ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

گابرىئېل ئاتتال: «ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەككى، ئەمدىلىكتە يا ئومۇمىي يۈزلۈك ئەملىنىش ياكى ۋىرۇس دولقىنىغا غەرق بولۇشتىن باشقا يول يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر