ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ سىرلىق سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادىكى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى باشتىن كەچۈرگەن سىرلىق ساغلاملىق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

1676729
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ سىرلىق سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار تارماقلار،  20 دىن ئارتۇق ساغلاملىق ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ 2016 ۋە 2017 – يىللىرى ئامېرىكىلىق دىپلومات ۋە جاسۇسلار كۇبادا دوكلات قىلغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلىنالمىغان بولمىسىمۇ، كېسەللىكلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى،  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ داۋالاش گۇرۇپپىلىرى تەكشۈرۈشلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكانىڭ ۋىيېننادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا كۆرۈلگەن، سەۋەبى تېخى ئېنىقلىنالمىغان ساغلاملىق ۋەقەلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بەزىلىرى مېڭىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقان جاراھەتلەرنىڭ مىكرو دولقۇن ياكى رادىيو دولقۇنى بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە پەيدا بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمما، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر، مەزكۇر يارىلىنىشلارنى كىم ياكى نېمىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ۋىيېننادا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلار، ئۆزلىرىدە سەۋەبى نامەلۇم كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلغانىدى.

ۋىيېننادىكى كېسەللىك ئەھۋاللىرى تۇنجى قېتىم 16 – ئىيۇل جۈمە كۈنى نيۇ يوركېر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر