تۆت تەرەپ ۋەكىللىرى ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تاشكەنتتە ئۇچراشتى

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسىنى ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىنكى ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئامېرىكا، ئۆزبېكستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت تۆت تەرەپ فورماتىنى قۇرۇش قارار قىلىندى.

1676205
تۆت تەرەپ ۋەكىللىرى ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تاشكەنتتە ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تاشكەنتتە ئافغانىستان مەسىلىسى توغرىسىدا تۆت تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۆزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ھانىف ئاتمار، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇت قۇرەيشى ۋە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خالىلزادنىڭ تاشكەنتتە ئۆزئارا ئۇچراشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ رايونلۇق مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى تۆت تەرەپ دىپلوماتىك فورماتى قۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە خەلقئارالىق سودا يوللىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەرەپلەرنىڭ سودىلىرىنى كېڭەيتىش، يېڭى ترانزىت يوللىرىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە سودا تورلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنىڭ بۇ ھەمكارلىقلارنىڭ شەرتلىرىنى بىرلىكتە بېكىتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئايلاردا ئۆزئارا ئۇچرىشىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر