جو بايدىن ئاقسارايدا ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

1676107
جو بايدىن ئاقسارايدا ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاقسارايدا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ، شىمالىي ئېقىن – 2، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر، ئافغانىستاندىن چېكىنىش مۇساپىسى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۇقۇمى ۋە يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى جەريانىدا، بايدىن گېرمانىيەدىكى سۇ ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن مېركېلدىن ھال سورىدى.

پىرېزىدېنت بايدىن شىمالىي ئېقىن - 2 تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيەنى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك» دېدى.

بايدىن كۇبادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختىلىپ: «كوممۇنىزم مەغلۇپ بولغان سىستېما، مەن سوتسىيالىزمنىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق نەرسە دەپ قارىمايمەن. بىز ئۇ يەردىكى تورغا چىقىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە ھايتىنىڭ ھەربىي ياردەم تەلىپىگە ئىشارەت قىلىپ: «كۈنتەرتىپىمىزدە بۇ دۆلەتكە ئەسكەر ئەۋەتىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېركېل بايدىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن بايدىننى زىيارەت قىلغان تۇنجى ياۋروپا رەھبىرى بولۇپ قالدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باش مىنىستىر سۈپىتىدە ئامېرىكاغا بارغان بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر