دوھادا ئافغانىستان سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ

ئافغانىستان مىللىي مۇرەسسە ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ باشچىلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت تالىبان بىلەن مۇزاكىرەلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن قاتار پايتەختى دوھاغا قاراپ يولغا چىقتى.

1676513
دوھادا ئافغانىستان سۆھبىتى قايتا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان مىللىي مۇرەسسە ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ كابۇل ئايرودۇرۇمىدا ھەيئەت نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، دوھاغا بارىدىغان ھەيئەتنىڭ تولۇق ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تالىبان بىلەن مۇزاكىرەلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەتتە زوراۋانلىقلار ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇ مەزگىلدە مۇزاكىرەلەرنى دەرھال باشلاشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

سابىق پىرېزىدېنت ھامىد كارزايى، تىنچلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى سايەد سائادەت نادىرى، سابىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كەرىم خالىلى، جۈمبۈش پارتىيەسىنىڭ باشلىقى باتۇر دوستۇم ۋە بەلخنىڭ سابىق ۋالىيسى ئاتا مۇھەممەد نۇر قاتارلىقلار ھەيئەتتىن ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، 2020-يىلى 12-سېنتەبىر قاتار پايتەختى دوھادا مۇزاكىرەلەر باشلانغان، ئەمما كۆزگە كۆرۈنگىدەك نەتىجە چىقماي تۇرۇپلا 2021-يىلى فېۋرالدا تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇلغان ئىدى.

ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ھازىرمۇ ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يەرلىك مەسئۇللاردىن ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تالىبان ئافغانىستاندىكى 407 ناھىيەنىڭ 160 تىن كۆپىنى، مەركەزلىرىنى قوشۇپ كونترول قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر