ئوخشىمىغان ۋاكسىنالارنى ئەملىتىش خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوخشىمىغان شىركەتلەرنىڭ ۋاكسىنالىرىنى ئەملىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ خەتەرلىك ھالغا كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1674739
ئوخشىمىغان ۋاكسىنالارنى ئەملىتىش خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى سوميا سۋامىناسان (Soumya Swaminathan) بىر قېتىملىق تور يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۇ يەردە بىر ئاز خەتەرلىك يۈزلىنىش بار. ۋاكسىنالارنى ئارىلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھازىرچە ئېنىق ئۇچۇرلارغا ئىگە ئەمەسمىز. ئەگەر دۆلەتلەر ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى شىشە ۋاكسىنالارنى قاچان ۋە كىمنىڭ قايسى ۋاكسىنانى ئەملىتىشى توغرىسىدىكى قارارلارنى خەلققە تاشلاپ قويسا، قالايمىقان ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر