ئىراقتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

ئىراقتىكى كوۋىد-19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 41 ئادەم قازا قىلدى.

1674390
ئىراقتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان زىكار ۋىلايىتىدىكى كوۋىد-19 بىمارلىرى داۋالىنىۋاتقان ئىمام ھۈسەيىن دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 41 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ئوتنىڭ ئوكسىگېن سىلىندىرلىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

ئىراق ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى، ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر