16-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى

قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن 16-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىندى.

1672267
16-قېتىملىق سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 7-ئىيۇل) باشلانغان كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ ئورتاق باياناتى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، سۈرىيەلنىڭ شەرقىي شىمالىدا «غەيرىي رەسمىي ھۆكۈمەت قۇرۇش تەشەببۇسلىرى»، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش باھانىسى بىلەن «مەيدانلاردا يېڭى ھەقىقەتلەرنى پايدا قىلىش» قا مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى رەت قىلىش، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان بۆلگۈنچى كۈنتەرتىپلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى ۋە تىنچلىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن، ئىدلىبقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

سۈرىيە ئىختىلاپىنىڭ «ھەربىي يول بىلەن ھەل قىلىنالمايدىغانلىقى» غا بولغان ئىشىنىش قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىختىلاپلارنىڭ سۈرىيەلىكلەرنىڭ باشچىلىقىدا ۋە ئىگىدارچىلىقىدا، ئىجرا قىلىشقا بولىدىغان ۋە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان سىياسىي مۇساپە يولى ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەر يېڭىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر