ئىراندا ئافغانىستان مەسىلىسىگە دائىر مۇزاكىرىلەر باشلاندى

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋە تالىبان ۋەكىللىرى ئىراننىڭ ساھىبخانلىقىدا مۇزاكىرىلىشىش ئۈچۈن پايتەخت تېھرانغا يېتىپ باردى.

1671325
ئىراندا ئافغانىستان مەسىلىسىگە دائىر مۇزاكىرىلەر باشلاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ نۇتۇقى بىلەن باشلانغان.

مۇھەممەد جەۋاد زارىف: «ئافغانىستان خەلقى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرى بۈگۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېغىر قارارلارنى ئېلىشى لازىم» دېگەن.

سۆھبەت ئۈستىلىگە قايرتىش ۋە سىياسىي يوللارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان زارىف، ئافغانىستانلىقلار ئارىسىدىكى كرىزىسنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۇنۇس قانۇنى، تالىبان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەشكىلاتنىڭ سىياسىي بېيرۇسى مۇئاۋىن باشلىقى ئابباس رۈشتە رىياسەتچىلىك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر