مىشېل: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن يۈزتۇرانە، تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا يۈزتۇرانە، تەڭپۇڭ ۋە يانغىلى بولمايدىغان شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن سىياسەت بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1671408
مىشېل: ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن يۈزتۇرانە، تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىشېل 24-25-ئىيۇن (بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا) ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يىغىندا پارلامېنت  ئەزالىرىغا خىتاب قىلدى.

مىشېل باشلىقلار يىغىنىدا كوۋىد -19، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتىكى ئورنى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئەقەللىي ئىنسان ھەق-  ھوقۇقلىرىدىن باشقا يەنە،  قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدىكى جىددىيلىكنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ياخشى بىر ئالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىشېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا يۈزتۇرانە، تەڭپۇڭ ۋە يانغىلى بولمايدىغان شەكىلدە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن سىياسەت بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىشېل تاموژنا ئىتتىپاقىنى يېڭىلاش خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن قوشۇمچە فوند بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر