ئىراقلىق شىئە رەھبەر ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىراقتىكى «ھەشدۇششەئبى» ھەرىكىتىگە قاراشلىق «ئەسھابى ئەھلىلھەق ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى قەيس ھازالى ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىد سالدى.

1667487
ئىراقلىق شىئە رەھبەر ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازالى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى سۆزى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراق - سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەشدۇششەئبى ئەسكەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ: «ئامېرىكا ئىراق خەلقىنىڭ قېنىنىڭ تۆكۈلمەسلىكى مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قان تۆكۈش ئارقىلىق ئۇرۇشنى يېڭى بىر نۇقتىغا كۆتۈردى. ياشلىرىمىز (ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار)نىڭ قېنىنىڭ ئۆچى ئىشغالچى قىسىملار (ئامېرىكا)غا قاراشلىق ئەسكەرلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ھەشدۇششەئبىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھازالى، بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر تەييارلىق ۋە پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 27-ئىيۇن يەكشەنبە كۈنى ئىراق-سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەشدۇششەئبى قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تۆت قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ھۇجۇمدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن تۈنۈگۈن باغدادتا سىمۋول خاراكتېرلىك دەپنە مۇراسىمىغا نۇرغۇن شىئە رەھبەر ئىشتىراك قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر