ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى

ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋاسىت ۋىلايىتىدىكى توك ئۈزۈلۈپ ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تۆت ئادەم يارىلاندى.

1667103
ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاسىت ۋىلايىتىدىكى ئۇزۇن داۋاملاشقان توك توختاپ كېتىش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن يۈزلەرچە كىشى «ئەلئەزىزىييە» ئېلېكتىر ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش ئۆتكۈزدى؛ ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى قورالسىز نامايىشچىلارغا ئوق چىقاردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئۈچىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جەمئىي تۆت نامايىشچى يارىلانغان، يارىلانغانلار دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان.

ئىراق ئېلېكتر مىنىستىرى ماجىد مەھدى ھانتۇش ئالدىنقى چارشەنبە كۈنىدىكى توك ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن نامايىشلاردىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنىدى.

ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن 50 گرادۇسقا يەتكەن ئىراقتا، ئاھالە قاتتىق ئىسسىق ۋە ئادەتكە ئايلانغان توك توختاپ كېتىش پەيدا قىلغان قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر