ئامېرىكا لىۋىيەلىكلەرنىڭ سايلام تەييارلىقى يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان، لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرىنىڭ 24-دېكابىردا لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1667206
ئامېرىكا لىۋىيەلىكلەرنىڭ سايلام تەييارلىقى يىغىنىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرىنىڭ 24-دېكابىردا لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق رامكىسىنى مۇزاكىرە قىلىش  ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەدە يىغىن چاقىرغانلىقىدىن خۇشال بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى ئەزالىرىنىڭ 2021 – يىلى 24 – دېكابىردا لىۋىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تارىخىي سايلامنىڭ تەييارلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىش مەقسىتىدە بۇ ھەپتە جەنۋەدە يىغىن چاقىرغانلىقىغا ۋە بۇ مۇنبەرنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى.

بېرلىندا چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك لىۋىيە يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، ئامېرىكانىڭ لىۋىيەدە پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن  لىۋىيە خەلقى ۋە خەلقئارالىق شېرىكلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سۇللىۋان باياناتىدا يەنە: «بۇ سايلام لىۋىيەلىكلەرگە ئۆز رەھبەرلىرىنى سايلاش ۋە ئۇزۇن يىللىق ئىچكى توقۇنۇش ھەمدە ئىقتىسادىي داۋالغۇشتىن كېيىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتىدىن تىكلەش ھوقۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن  بەردى.

ئۇ ئاخىرىدا، لىۋىيە سىياسىي دىيالوگ مۇنبىرى يىغىنىنىڭ ئىجابىي كەيپىيات ۋە يارىشىش روھى ئىچىدە ئۆتكەنلىكىدىنمۇ خۇشال بولغانلىقىنى قەيت قىلىپ: «بىز لىۋىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، گۈللەنگەن ۋە بىخەتەر كەلگۈسى بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنى قوللايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر