رۇھانى بايدىننى يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننى يادرو كېلىشىمىنى كېچىكتۈرمەستىن ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

1667489
رۇھانى بايدىننى يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن يادرو كېلىشىمى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختالدى.

رۇھانى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى يادرو كېلىشىمىنى دەرھال ئىجرا قىلىشقا چاقىرىپ: «بايدىن يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە قىلچىلىك بۇشاڭلىق قىلسا، ئۆز خەلقىنىڭ تاشلىغان بېلەتلىرىگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار مۇشۇنىڭغا تايىنىپ بېلەت تاشلىدى، ئۇمۇ ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش ھەمدە سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن كەلدى. ئارقىدىن يادرو كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى ۋە ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

ئۇ، يادرو كېلىشىمىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەم ئامېرىكا ھەم ئىران تەرەپنىڭ تېگىشلىك قەدەملەرنى ۋاقىتنى زايە قىلماستىن تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئىراننىڭ يادرو قورالى ياكى ئاممىۋى قىرغىنچىلىق قوراللىرىغا ئىگە بولۇشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن رۇھانى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاقىدار قاراشلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر