كولۇمبىيەدە مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

كولۇمبىيەدە مەملىكەتلىك ئىش تاشلاش كومىتېتى 16-ئىيۇندا بايانات ئېلان قىلىپ، مەلۇم مەزگىلگىچە نامايىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا قارىماي، مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1667272
كولۇمبىيەدە مىڭلىغان كىشى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت بوگوتا، مېدېللىن، پاستو، پېرېيرا، باررانكۋىللا ۋە سانتاندېر دې كۇيلىچاۋ شەھەرلىرىدە كوچىلارغا چىققان نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بوگوتادا، پائالىيەتچىلەر شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسىدا تىنچ يۈرۈش ئېلىپ باردى. بىر قىسىم گۇرۇپپىلار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەۋە 12 ئاممىۋى قاتناش ئاپتوموبىلىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى.

كولۇمبىيەنىڭ  ئىككىنچى چوڭ شەھىرى مېدېللىندە نامايىشچىلار دۆلەت بىنالىرىغا ۋە شەخسىي مۈلۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، كولۇمبىيەنىڭ توپىلاڭنى كونترول قىلىش ئورگىنى «ESMAD» ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ مۇداخىلە قىلدى.

باررانكۋىللا ۋە سانتاندېر دې كۇيلىچاۋ شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، كولۇمبىيەگە ئىسىم قويغان ياۋروپالىق ساياھەتچى كرىستوفىر كولۇمبۇسنىڭ ھەيكىلى نامايىشچىلار تەرىپىدىن ئۆرۈلۈپ تاشلاندى.

ئاقشامغا يېقىن نامايىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەردە 13 ئاپتوبۇس، قاتناش چىراغلىرى ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى بىنالار زىيانغا ئۇچرىدى. ساقچىلار بەزى نامايىشچىلارنى نازارەتكە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر