كانادادا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن بىر كۈندە 63 كىشى قازا قىلدى

كانادانىڭ غەربىدىكى ئۆلكىلەرگە تەسىر قىلغان قاتتىق ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى.

1667294
كانادادا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن بىر كۈندە 63 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇررى، بۇرنابېي ۋە ۋانكوۋېر شەھەرلىرى بىلەن ئەتراپىدا، قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن بىر كۈندە 63 كىشى قازا قىلدى.

ساقچىلار قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

برىتانىيە كولۇمبىيە، ئالبېرتا، يۇكون ۋە غەربىي شىمال رايونىدىكى ئىسسىق ھاۋارايىغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر «ئىسسىق گۈمبەز» دەپ نام بەردى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە رايوندا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى 103 ئىسسىقلىق رېكورتى رۇيخەتكە ئېلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، برىتانىيە كولۇمبىيە ئۆلكىسى مىقياسىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان سوۋۇتۇش مەركەزلىرى ئىسسىق ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا ئۈزلۈكسىز مۇلازىمەت قىلماقتا.

سوۋۇتۇش مەركەزلىرىگە كەلگەنلەرگە تولۇقلاش سۇيۇقلۇقى بېرىلىش بىلەن بىرگە، ساغلاملىق مەسىلىسى بارلار ئۈچۈن سەھىيە ئەترىتى چاقىرىلماقتا.

ئۆلكىدىكى رېستورانلار، پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە بىر قىسىم مەكتەپلەر ئىسسىق سەۋەبىدىن تاقالدى.

كوۋىد-19 يۇقۇمى ۋاكسىناسى ئەملەيدىغان كلىنىكلارمۇ ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر