كىم جوڭئۇن سەھىيە مەسئۇللىرىغا كايىدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن كوۋىد-19يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن سەھىيە مەسئۇللىرىغا كايىدى.

1667640
كىم جوڭئۇن سەھىيە مەسئۇللىرىغا كايىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سىياسىي بيۇرو يىغىنىدا، كىم جوڭئۇن كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەشتە پىلانلانغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىشىدا، «ئىقتىدارسىزلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە پاسسىپلىق» قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەلدارلارغا كايىدى.

كىم جوڭئۇن سۆزىدە، «مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۇزۇن مۇددەتلىك جىددىي ھالەت ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەپەرۋەرلىكىنى كېرەكلىك شەكىلدە، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي، ئىدارىي، ماددىي، ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشقا سەل قارىدى. بۇ ئىش دۆلەت ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا زور كرىزىس پەيدا قىلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر