گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېغېت كامپ كاغېنباۋا (Annegret Kramp-Karrenbauer) ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1667197
گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەسكەرلىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاننېغېت كامپ كاغېنباۋا تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىن بىخەتەر ھالدا ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندە چەت ئەلدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئاخىرلاشتى» دېدى.

گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، گېرمانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىملىرىدا ۋەزىپە ئۆتىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

گېرمانىيە ئەسكەرلىرى 2001-يىلدىن تارتىپ ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى. ئافغانىستاندا يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە 1100 ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بولۇپ، جەمئىي 59 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 20 يىل تۇرغان ئافغانىستاندىن 2021-يىلى 1-مايدىن باشلاپ چېكىنىشنى باشلايدىغانلىقىنى، چېكىنىشنىڭ 2001-يىلى 11-سېنتەبىر يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ 20 يىللىقىغىچە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر