فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغان قانۇن لايىھەسى نارازىلىق قوزغىدى

فىرانسىيەدە «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدا مۇسۇلمانلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قانۇن لايىھەسىگە دۆلەت مەجلىسىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى.

1667249
فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغان قانۇن لايىھەسى نارازىلىق قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەزى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بويۇن ئەگمەس فىرانسىيە پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئالېكىس كوربىئېر بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاراڭغۇ ئارزۇلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «قانۇن لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ، مىليونلىغان مۇسۇلمان پۇقرالىرىمىزنى قارىلىماڭلار، كەمسىتمەڭلار» دېدى.

پارلامېنت ئەزاسى لاميا ئەل ئاراجە بولسا، دۆلەت مەجلىسىدە چەتكە قېقىش خاراكتېرلىق بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«جۇمھۇرىيەت قانۇنىغا ھۆرمەتنى كۈچەيتىش پىرىنسىپلىرى» ناملىق قانۇن لايىھەسى فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئىككىنچى قېتىم مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە مەكتەپ ساياھەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا ھەمراھ بولىدىغان ئانىلار بىلەن 18 ياشتىن تۆۋەن قىزلارنىڭ باش ياغلىق ئارتىشى مەنئىي قىلىنىدۇ.

قانۇن لايىھىسىگە يەنە رەسمىي تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىمۇ باش ياغلىقنى چەكلەش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قانۇن لايىھىسىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا ئاخىرىدا ماقۇللىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر