ئافغانىستاندا 3 ناھىيە تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى

ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىدە 3 ناھىيە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

1666612
ئافغانىستاندا 3 ناھىيە تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەزنە پارلامېنت ئەزاسى خۇداد ئىرفانى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان ئەزالىرىنىڭ، غەزنە ۋىلايىتىنىڭ خوجا ئۆمەرى، ۋائىز ۋە مۇقۇر ناھىيەلىرىگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇملار نەتىجىسىدە بۇ 3 ناھىيەنىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بۇ ناھىيەلەردىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق كېتىۋەرسە، تالىباننىڭ پۈتكۈل غەزنە ۋىلايىتىنى قولغا كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى فەرياب ۋىلايىتىنىڭ پېشتۇن كوت ۋە پېرۋان ۋىلايىتىنىڭ شىنۋارى ناھىيەلىرىنىڭ تالىباندىن قايۇتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 14 ۋىلايەتتە تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە 235 تالىبان مەنسۇبىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 161 ىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

تالىبان، 20 – ئىيۇن كۈنى شىمالدىكى بېلخ ۋە سامانگان ۋىلايەتلىرىدە 2 ناھىيەنىڭ، 21 – ئىيۇن كۈنى بېلخ ۋىلايىتىنىڭ دەۋلەت ئاباد، شولگېرې ۋە كىشىدېھ ناھىيەلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.

يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن ناھىيەلەرنىڭ سانى 45 كە يەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تالىبان، شەھەر مەركەزلىرىنىڭ سىرتىدىكى دۆلەتنىڭ تېرروتېرىيەسىنىڭ % 50 – 70 تىنى كونترول قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر