ئېفىيوپىيە ئىسيانچىلىرى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرى، تىگراي رايونىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئېفىيوپىيە مۇداپىئە قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1666560
ئېفىيوپىيە ئىسيانچىلىرى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى يەڭگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرى باياناتچىسى گېتاچېۋ رېدا قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلىغا بايانات بېرىپ، تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تىگراي ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى مېكېلېنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابى ئەھمەدنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رېدا، ئېفىيوپىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن شەھەردىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېفىيوپىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بولسا، تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تېگراي رايونىدا بىر تەرەپلىمە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ تىگرايدىكى دېھقانلارنىڭ ھوسۇل پەسلى (6-ئاي ، 7-ئاي ، 8-ئاي) دىن پايدىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن رايوندا ياردەم بېرىش قىسىملىرىنىڭ قورالسىز خىزمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.

 بىر مەزگىل تىگراي ئۆلكىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېفىيوپىيەنىڭ شىمالىي قوماندانلىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، باش مىنىستىر ئابى ئەھمەد تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوزغىلاڭچىلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قارار قىلغان، بۇ قەدەمدىن كېيىن مەزكۇر رايوندىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر