پاكىستان ئىسرائىلىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زاھىد ھافىز چاۇدرى، بەزى تاراتقۇلارنىڭ، سەيىد زۇلفىقار بۇخارىنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلىرىنى رەت قىلدى.

1666540
پاكىستان ئىسرائىلىيە بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى زاھىد ھافىز چاۇدرى، بەزى تاراتقۇلارنىڭ، باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى سەيىد زۇلفىقار بۇخارىنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلىرىنى رەت قىىپ، «بۇلار ئاساسسىز ۋە قايمۇقتۇرغۇچى خەۋەر» دەپ باھا بەردى.

باياناتچى چاۇدرى، باش مىنىستىر ئىمران خاننىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى بۇخارىنىڭ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدە بۇنداق بىر زىيارەتتە بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستاننىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپال پوزىتسىيەسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۇدرى، ئىسلامئابادنىڭ ئىزچىل ھالدا 1967 – يىلىدىن بۇرۇنقى چېگرا تەۋەلىكىدە قۇرۇلىدىغان، پايتەختى قۇددۇس بولغان پەلەستىن دۆلىتى بىلەن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر