چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ ئانتاليادا كۆرۈشىدۇ

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ 30 – ئىيۇن (2021) ئانتاليادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1666479
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋ ئانتاليادا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋروۋنىڭ جەنۇبىي كاۋكاز، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا، شۇنداقلا ئافغانىستان، ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىغا ئالاقىدار ۋەزىيەت، ھەمدە سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئۆزئارا سودا مىقدارى 2020 – يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %22.5 ئېشىپ 9 مىليارد 100 مىڭ دوللارغا يەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي - تېخنىكا ۋە يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش، رۇسىيەنىڭ كوۋىد – 19 غا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان سپۇتنىك – ۋ ۋاكسىنىسىنىڭ تۈركىيەدە ئەملىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي دىيالوگنىڭ قويۇق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ يىل ئالتە قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر