ئافرىقادا 1.2 مىليارد كىشى خەتەر ئاستىدا ياشىماقتا

ئافرىقادا 1.2 مىليارد كىشىنىڭ ساقلىق ئىشلىرىنىڭ ناچار بولۇشى سەۋەبىدىن خەتەر ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1665970
ئافرىقادا 1.2 مىليارد كىشى خەتەر ئاستىدا ياشىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا تەرەققىيات بانكاسىنىڭ باشلىقى ئاكىنۋۇمى ئادېسىنا بايانات ئېلان قىلىپ، 1.2 مىليارد ئافرىقالىقنىڭ ھاياتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، ساقلىق خىزمەتلىرىگە يېتەرلىك ئېرىشەلمەسلىك خەتىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ ئافرىقا تەرىققىيات بانكاسىنىڭ ۋابانىڭ ئىقتىساد ۋە سەھىيەگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان قوللىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئافرىقا تەرەققىيات بانكاسىنىڭ يەرلىك ۋاكسىنا تەتقىقاتىغا ۋە ئافرىقانىڭ سەھىيە سىستېمىسىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ %51 دە پاكىزە سۇ ۋە %31 دە ئېلېكتىر بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئافرىقادا دورىلارنىڭ %70-60 نىڭ ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئافرىقادا 1.2 مىليارد كىشىنىڭ ھاياتىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز كىرىمى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر ئافرىقالىقنى سۈپەتلىك ساقلىق خىزمەتلىرى، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتتىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق نامرات ۋە ئاجىز كىشىلەرگە ئۈمىد بېرىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر