سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1666049
سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ گالمۇدۇگ رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن مۇھەممەد مەھمۇدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب مەنسۇپلىرىنىڭ ئەتراپقا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 20 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ئشەشەبابنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 34 ئەسكەر ئۆلتۈرۈلگەن.

مۇھەممەد مەھمۇدنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب، سومالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا دائىم دېگۈدەك ھۇجۇم قىلىدىكەن.

كېچىكتۈرۈلگەن سايلاملارغا تەييارلىق قىلىۋاتقان سومالىدا، ئارمىيە  تەرەپنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان  بولۇپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا 300 گە يېقىن ئەششەباب تەشكىلاتى ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر