ھۇسىيلارنىڭ ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلاندى

يەمەندە ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم، ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بومبا قاچىلانغان ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1665922
ھۇسىيلارنىڭ ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە قىسىمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا (SPA ) رەسمىي ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھامىس مۇشايت رايونىغا ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەۋەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىرلەشمە قىسىمنىڭ 27-ئىيۇندىكى باياناتىدىمۇ، ھۇسىيلارنىڭ ئىككى دانە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجران، ئابخا ۋە ھامىس مۇشايت رايونلىرىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا، بەش بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

يەمەندە ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانئا ۋە بەزى رايونلارنىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارتتىن تارتىپ ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار پات-پات سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر