فىرانسىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قورال ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلدى

فىرانسىيە، ئارمىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ چېتىشلىق قورال ئەتكەسچىلىكى سەتچىلىكىدىن تەۋرەنمەكتە.

1665957
فىرانسىيە ئارمىيەسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قورال ئەتكەسچىلىكىگە چېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:فىرانسىيە ساقچىلىرى كەڭ كۆلەملىك قورال ئەتكەسچىلىكى تەكشۈرۈشىنى باشلىغان. تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، زەھەر چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ۋە ئوڭچىل تەشكىلاتلارغا سېتىلماقچى بولغان 200 دىن ئارتۇق قورال قولغا چۈشۈرۈلگەن.

فىرانسىيە «Mediapart» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قورال ئەتكەسچىلىكى گۇرۇپپىسىنىڭ ئىچىدە، فىرانسىيەنىڭ ئۈچ نەپەر ھەربىي ئوفىتسېرى بولۇپ،  ئۇلارنىڭ ئىككىسى پىنسىيەگە چىققان. فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىلورېنسىيە پارلىنىڭ ئون بېشى شوپۇرىمۇ گۇررۇپپا ئەزاسى بولۇپ چىققان.

قوراللىنىش، قورال ساقلاش ۋە باشقىلارغا يۆتكەش شۇنداقلا جىنايى تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەربىي شوپۇرنىڭ 2020-يىلى 7-ئايدا قورال ئەتكەسچىلىكى سەتچىلىكى ئاشكارلىنىشتىن 6 ئاي بۇرۇن مىنىستىرلىككە كىرگەنلىكى ۋە مىنىستىرغا ھەمراھ بولۇپ بەزى ساياھەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئاشكارىلانغان.

قورال ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق بىرسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن قانداق ئۆتكەنلىكى سورالغان  خەۋەردە، مىنىستىرلىقنىڭ 2020-يىلى يازدا پىراكتىكانت كىنىشكىسى بار بىر ھەربىي شوپۇر تەيىنلەشنى ئويلاشقانلىقى، ئەمما بۇ قاراردىن ۋاز كېچىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بولسا، بۇ ئەيىبلەشلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مەسىلىنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقىنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ شوپۇرىنىڭ خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر