پاكىستانلىق ساجىد جاۋىد ئەنگىلىيەدە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى

سابىق ئىچكى ئىشلار ۋە مالىيە مىنىستىرى ساجىد جاۋىد ئەنگىلىيەدە ئىستىپا بەرگەن سەھىيە مىنىستىرى مات خەنكوكنىڭ ئورنىغا تەيىنلەندى.

1665460
پاكىستانلىق ساجىد جاۋىد ئەنگىلىيەدە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەسلى پاكىستانلىق،51 ياشلىق ساجىد جاۋىد ئىلگىرى 2018-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، ئاندىن 2020-يىلى 2-ئايغىچە مالىيە مىنىستىرى بولغان ئىدى.

«قۇياش گېزىتى» 25 – ئىيۇندا سەھىيە مىنىستىرى مات خەنكوكنىڭ توي قىلغان تۇغلۇق مىنىستىرلىق بىناسى ئىچىدە يېڭى توي قىلغان سابىق لوبىچى گىنا كولاداڭگېلونى سۆيۈۋاتقان بىخەتەرلىك كامېراسى كۆرۈنۈشلرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خەۋەرلەردە، خەنكوكنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت دوستى كولاداڭگېلونى ئۆتكەن يىلى مارتتا 6 ئايلىق توختام بىلەن مائاشسىز مەسلىھەتچى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكى، ئاندىن ئۇنىڭغا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىچىدە ۋەزىپە بەرگەنلىكى، ئەمما بۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بىلدۈرمىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خەۋەردىن كېيىن خەنكوك يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، دۆلەتنى يۇقۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن خەنكوك بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 26- ئىيۇلدا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.

خەۋەرگە تېما بولغان سۈرەتلەر تارتىلغان 5 ئىيۇندا، ھۆكۈمەت پۇقرالاردىن ئائىلە سىرتىدىكى كىشىلەرنى قۇچاقلىماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر