دونالد ترامپ جو بايدىننى «خىتايغا باش ئەگدى» دەپ ئەيىبلىدى

ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى يىغىلىشىدا، ئالدىنقى قېتىملىق سايلامدا بېلەت ساناشقا ئالاقىدار ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالدى ۋە جو بايدىن بىلەن پارتىيەسىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

1665420
دونالد ترامپ جو بايدىننى «خىتايغا باش ئەگدى» دەپ ئەيىبلىدى
Trump.jpeg
trump 21.jpg
abd trump gösteriler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوخېئو ئىشتاتىنىڭ ۋېللىنگتون شەھىرىدە مىڭلىغان كىشىگە خىتاب قىلغان دونالدا ترامپ، 2020-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىكى مەغلۇبىيىتىگە بېلەت ساناشتىكى ھىيلە – مىكىرلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ: «بىز ئىككى قېتىم سايلامدا غەلىبە قىلدۇق، ئۈچىنچى قېتىم غەلىبە قىلىشىمىز كېرەكلىكتەك قىلىدۇ. بۇ مۇمكىن» دېدى.

سابىق پىرېزىدېنت سۆزىدە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكاغا كەلگەن كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئېشىشىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

 ترامپ: «دۆلىتىمىزگە كەلگەن مىليونلىغان ئىنسان بار. بىز ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، جو بايدىن بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزنىڭ دەل ئەكسىنى قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى خىتايغا باش ئىگىش بىلەن ئەيىبلەپ، نامايان قىلغان ئىقتىدارىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە نومۇسلۇق ھالدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ يىغىلىشتا قايتا سايلىنىدىغان ياكى سايلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا سايلىغۇچىلارغا رىغبەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلدى.

دونالد ترامپ: «بىز ئاۋام پالاتاسى، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئامېرىكانى قايتۇرۇۋالىمىز.  بۇنى پات يېقىندا قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر