ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەدىكى 11 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا كەم دېگەندە 14 مىڭ ئادەمنى قىيىن – قىستاققا ئېلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1665149
ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 14 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقرالارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى پاكىتلىرىنى توپلىغان سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، «26 – ئىيۇن قىيىن – قىستاق قۇربانلىرى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن، قىيىن – قىستاقتا جېنىدىن ئايرىلغانلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيەدە خەلق قوزغىلىڭى باشلانغان 2011 – يىلىدىن بۇيان ئەسەد ھاكىمىيىتى 173 نەپىرى كىچىك بالا، 74 نەپىرى ئايال بولۇپ، كەم دېگەندە 14 مىڭ 338 كىشىنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش بويىچە كەم دېگەندە 1 مىليون 200 مىڭ سۈرىيەلىكنى تۇتقۇن قىلىپ قىينىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، بۇلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ ھېلىھەم قاماقتا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى، ھاكىمىيەتنىڭ زىندانلىرىدىكى كىملىك ئۇچۇرلىرى ئېنىقلانغان كەم دېگەندە 132 مىڭ كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ، مەزكۇر دوكلاتتىن مۇستەقىل ھالدا، سۈرىيەلىك ئۆكتىچى مەنبەلەر، نۆۋەتتە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرمە ۋە سوراقخانىلىرىدا ئاياللار قوشۇلۇپ كەم دېگەندە 400 مىڭ كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ غەرەزلىك ھالدا تۇتقۇن قىلغان كىشىلەرنى قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، خەۋپسىزلىك مەركەزلىرىنىڭ قىيىن – قىستاق ئۇۋىلىرىغا ئايلانغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەسەد ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە جىسمانىي، پىسخىك ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 72 تۈرلۈك قىيناش ئۇسۇلىدىن پايدىلانماقتا ئىكەن.

دوكلاتنىڭ تەۋسىيە بۆلۈمىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قىيىن – قىستاق جىنايەتلىرىگە قارىتا تېخىمۇ كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۇتقۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئەسەد ھاكىمىيىتى سادىر قىلغان قىيىن – قىستاق جىنايىتىنىڭ ئەيىبلىنىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر