فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئامېرىكادا تېگى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىدنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن سابىق ساقچى دېرېك شاۋىن 22.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1665154
فلويىدنى ئۆلتۈرگەن ساقچى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىننېسوتا ئىشتاتى خېننېپىن رايونلۇق سوت مەھكىمىسى،  2020 -يىلى مايدا جورج فلويدنى قولغا ئېلىش ئەسناسىدا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان سابىق ساقچى شاۋۋىننى 2-ۋە 3-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە 2- دەرىجىلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، 22.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ساقچى شاۋىن، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ مىننېپولىس شەھىرىدە تېگى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى فلويىدنى ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش شۇبھىسى بىلەن قولغا ئېلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ «تىنالمايۋاتىمەن» دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي، 9 مىنۇت 29 سىكۇنت بويىچە تىزى بىلەن بوينىغا بېسىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان، بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر