فىرانسىيە گېزىتى تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى

فىرانسىيە «Le Monde» گېزىتى، تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا بولغان تەلەپنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى يازدى.

1665031
فىرانسىيە گېزىتى تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردا ھەربىي سانائىتىنى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتىپ، ئېكسپورتىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خەۋەردە، بايقار شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان باھاسى مۇۋاپىق، ئۈنۈمى يۇقىرى قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ 2020 – يىلى ئىشلىتىلگەن ئۈچ توقۇنۇش رايونىدا تانكا، بىرونېۋىك، ئوق – دورا ئىسكىاتلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ 10 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خىتاي قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، ئەڭ كۈچلۈك تەلەپكە ئېرىشكەن بايراقتار-  TB2 نىڭ دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇچۇر توپلىيالايدىغانلىقى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى نىشانغا يېتەكلىيەلەيدىغانلىقى ۋە ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 4  دانە لازېر نۇرلۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سايىسىدا ئۆزىنىڭمۇ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى قەيت  قىلىندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، تۈرك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە قىممەت باھالىق رۇس پانتسىر ئايروپىلانغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى بىلەن ئەرمېنىيەدىكى رۇس ئىسكەندەر باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ، «ھەيران قالارلىق نەتىجىلەر»نى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر