ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈش قارارلاشتۇرۇلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەشنى قارارلاشتۇردى.

1664386
ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈش قارارلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، يىغىن باياننامەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلاندى.

باياننامەدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ كۆچمەنلىك، ساغلاملىق، كىلىمات ئۆزگىرىشى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر قاتارلىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار تېمىلاردا تۈركىيە بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى قارارلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ، تۈركىيە بىلەن تاموژنا بىرلىكى بەلگىلىمىلىرىنى يېڭىلاشقا ھوقۇق بېرىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق پائالىيەتلەرنىڭ باشلىنىشىنىمۇ قارارلاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياننامەدە، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنى، تۈركىيە، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە رايوننىڭ باشقا قىسىملىرىدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ۋە مۇساپىرلارغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئەللەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەملەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن رەسمىي تەكلىپنى كېچىكمەستىن سۇنۇشقا چاقىرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، رايونلۇق تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى نۇقتىسىدا، تۈركىيە ۋە بارلىق ئاكتىيورلارنىڭ رايونلۇق كىرىزىسلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىنى كۈتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر