تالىبان فاريابنىڭ ئىككى ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

ئافغانىستاننىڭ فارياب ۋىلايىتىدە ئىككى ناھىيەنىڭ كونتروللۇقى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتتى.

1664655
تالىبان فاريابنىڭ ئىككى ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فارياب پارلامېنت ئەزاسى بابۇر قەمال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ فاريابنىڭ قارامقول، قورغان ۋە ئاندخوي ناھىيەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۇجۇم نەتىجىسىدە قارامقول ۋە قورغان ناھىيەلىرىنىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئاندخوي ناھىيەسى ئەتراپىدا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ خەۋپسىزلىك مەسئۇللىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇھىم تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تالىباننىڭ باياناتىدا، ھۇجۇم نەتىجىسىدە، قارامقول، قورغان ۋە ئاندخوي ناھىيەلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈنۈگۈن (2021-يىلى 24-ئىيۇن) فارياب ۋىلايىتىنىڭ گۇرزىۋان ناھىيەسى تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى توققۇز ۋىلايەتتە تالىبانغا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، 129 تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، 35 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە پارتلاشقا تەييار بولغان 31 بومبىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە، بىر قانچە ناھىيەنىڭ تالىباندىن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىملىرىدا خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق كۈرەش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 407 ناھىيەنىڭ 200 دە توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر