پەلەستىن، ھاماس ۋە ئىيوردانىيە ھوندۇراسقا نارازىلىق بىلدۈردى

پەلەستىن، ھاماس ۋە ئىيوردانىيە ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

1664455
پەلەستىن، ھاماس ۋە ئىيوردانىيە ھوندۇراسقا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «<بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى ۋە خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلىش> دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

ھوندۇراس پىرېزىدېنتىنىڭ خاتالىق تەرەپتە تۇرۇپ قارار چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكى، ھوندۇراسنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنىڭ، ئىشغال كۈچلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى دەپسەندىچىلىكلىرى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كېلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىيوردانىيەنىڭ ھوندۇراسنىڭ بۇ قەدىمىنى رەت قىلىدىغانلىقى ھەم ئەيىبلەيدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ خەلقئارالىق قارارلارغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قۇددۇس شەھىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش نىشانىغا يېتىش مەقسىتىدە تاشلانغان ھەرقانداق بىر قەدەمنىڭمۇ شەك - شۈبھىسىز ھالدا قانۇنسىزلىق ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كەڭ دائىرىلىك ۋە ئادىل بىر تىنچلىق تەكلىپى سۇنۇشنىڭ مۇھىملىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.

ھاماس (پەلەستىن ئىسلامىي تىركىشىش ھەرىكىتى) بولسا،  ھوندۇراسنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشغال ئاستىدىكى قۇددۇستا ئەلچىخانا ئېچىشىنى ئەيىبلىدى، ھوندۇراسنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا قارىتا (ئوچۇق – ئاشكارا تاجاۋۇز قىلىش) ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھوندۇراس ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ھاماس يەنە، «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش» توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر