نىگېرىيەدە خولېرا ۋاباسى جان ئالماقتا

نىگېرىيەدە خولېرا ۋاباسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 296 گە چىقتى.

1664612
نىگېرىيەدە خولېرا ۋاباسى جان ئالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە پايتەختى ئەبۇجە سەھىيە ۋە ئىنسانىي خىزمەتلەر سېكرىتار ۋەكىلى دوكتور مۇھەممەد كاۋۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئەبۇجەدە 91 كىشىنىڭ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، يەتتە كىشىنىڭ خولېرا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، نىگېرىيەدە خولېرا ۋاباسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 296 گە چىققان بولدى.

دوكتور مۇھەممەد كاۋۇ ۋابا كۆرۈلگەن رايونلارنىڭ دورا ۋە باشقا تىببىي ماتېرىياللىرىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نىگېرىيەدە يانۋار (2021) دىن باشلاپ 11 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ خولېرا بىلەن يۇقۇملانغانلىقى قەيت قىلىندى.

نىگېرىيەدە پاكىزە ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجىنىڭ قامدالماسلىقى ۋە تىببىي داۋالاشنىڭ ۋاقتىدا ھەمدە ئۈنۈملۈك بولماسلىقى، ۋابا بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈم خەۋپىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن.

نىگېرىيەدە بەزگەك كېسىلى، پالەچ، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر