بىرما ئارمىيەسى ئىككى ناھىيەدە پۇقرالارنى ئوققا تۇتقان

بىرمادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارنى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ سانى 880 گە يەتتى.

1664476
بىرما ئارمىيەسى ئىككى ناھىيەدە پۇقرالارنى ئوققا تۇتقان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، يېقىنقى 24 سائەتتە ئۈچ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 880 گە، قولغا ئېلىنغانلار سانى 5 مىڭ 104 كە يەتكەن بولدى. 1965 كىشى ئۈستىدە قولغا ئېلىش قارارى چىقىرىلدى.

بىرمانىڭ ساگايىڭ رايونىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى گۇرۇپپىلار قۇرغان خەلق مۇداپىئە كۈچى بىلەن بىرما ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا 22-ئىيۇن (2021) دىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، بىرما ئارمىيەسىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە 20 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەلق مۇداپىئە كۈچىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان بىر ئەزاسى بىرما «Now» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ رايونغا قاراشلىق ئىككى ناھىيەدە ئۈچ كۈن بويىچە ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن پۇقرالارنى ئوققا تۇتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرما ئارمىيەسى بولسا، توقۇنۇشلار ياكى ئۆلۈ-يېتىم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ب د ت بىرمادا ئارمىيە بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىشكا قارشى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار پۇقرالار سانىنىڭ 230 مىڭغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كارەن ئىشتاتىدىلا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ تاغلىق ۋە ئورمانلىق جايلارغا قاچقانلار سانىنىڭ 103 مىڭدىن 177 مىڭغا چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، 20 مىڭ پۇقرانىڭ ھىندىستان چېگراسى تەرەپتىكى رايونلارغا قاچقانلىقى ئەسكەرتىلدى. 1-فېۋرال (2021) ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، 230 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە موھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر