ب د ت: ھاماس - ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىنتايىن نازۇك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى تور ۋېنكېسلاند، نيۇيوركتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا دوكلات بەردى.

1664449
ب د ت: ھاماس - ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىنتايىن نازۇك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى تور ۋېنكېسلاند، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا ئۆتكەن ئاي ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

تور ۋېنكېسلاند نيۇيوركتا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىغا دوكلات بېرىپ: «ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىككە خاتىمە بېرىش نۆۋەتتە ئىنتايىن نازۇك بىر نۇقتىغا تايىنىدۇ، شۇڭا تەرەپلەر قۇتراتقۇلۇقتىن ساقلىنىپ جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈشى كېرەك. غەززەدە يەنە بىر ۋەيران قىلغۇچ سۈركىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەر مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم» دېدى.

ب د ت ۋەكىلى ئىسرائىلىيەنى «خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن مەسئۇلىيەتلىرىگە ماس ھالدا پەلەستىن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش»قا چاقىردى ۋە قايسى تەرەپنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، زوراۋانلىقنىڭ پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تور ۋېنكېسلاند، ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرى ۋە مال – مۈلۈكلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشقا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھالەتتە ئۆي – ماكانلىرىنى قۇرۇپ چىقىشلىرىغا رۇخسەت قىلىش» قا چاقىردى.

ئۇ سۆزى جەريانىدا يەنە، پەلەستىنلىك ئۆكتىچى نىزار باناتنىڭ پەلەستىن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ۋاپات بولۇشىدىن «كۈچلۈك ئەندىشە» قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالەتتە تەكشۈرۈلۈپ، جاۋابكارلارنىڭ پاش قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى غەززەگە 10 – مايدا باشلىغان ھۇجۇملىرى، پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 21 – ماي شۇ جاي ۋاقتى سائەت 02:00 دە ئاخىرلاشقانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 66 سى كىچىك بالا، 39 ى ئايال بولۇپ، جەمئىي 254 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1948 ئادەم يارىلانغان، مىڭلارچە بىنا يەر بىلەن يەكسان قىلىنغان ياكى ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر