16 – نۆۋەتلىك سۈرىيە مۇزاكىرىلىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

«كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەن «سۈرىيە» تېمىلىق ئاستانا مۇزاكىرىلىرى 7 – 8 – ئىيۇل كۈنلىرى قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1664376
16 – نۆۋەتلىك سۈرىيە مۇزاكىرىلىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇزاكىرىلەرگە، كاپالەتچى دۆلەتلەر تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيەدىن سىرت يەنە، سۈرىيەدىن بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىكەن.

مۇزاكىرىلەرگە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقمۇ كۆزۈتكۈچى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشى، جەنۋەدىكى سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى پائالىيەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىتىلىشى، تۇتقۇن ئالماشۇتۇرۇش، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىشى قاتارلىق ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىمۇ، مۇزاكىرىلەردە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر