شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن يادرو قورالسىزلىنىش سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىستىكىنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىدى.

1663843
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى سون گۋون رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA  غا بايانات بېرىپ: «سۆھبەتلەر بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە رەسمىي ئالاقە ئورنىتىش نىيىتىمىز يوق. بۇنداق قىلىشنىڭ بىزگە پايدىسى يوق، پەقەت قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى زايە قىلىشقىلا ئەرزىيدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوجوڭمۇ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، سۆھبەت ئۈمىدىنىڭ ئامېرىكانى ئۈمىدسىزلىككە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى، كورېيەدە «چۈشنى كۆرۈش ئەمەس، تەبىر بېرىش مۇھىم» دەيدىغان بىر ماقالنىڭ بارلىقىنى ئېيتقانىدى.

رى سون گۋون كىم يوجوڭنىڭ باياناتى ئارقىلىق «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىش، تەخمىن ۋە مۆلچەرلىرىنى سۇغا چىلاشتۇرغانلىقى»نى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۆتكەن ھەپتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كورېيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا ئالاقىدار ئەمەلدارلارغا خىتاب قىلىپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن «ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەمدە ئېلىشىش»قا تەييار تۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان بولسا، كىم جوڭئۇننىڭ سۆزلىرىگە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نۇقتىسىدىن بېرىلگەن «غەلىتە سىگنال» دەپ باھا بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر