كېنىيەدە ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
كېنىيەدە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 17 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1664205
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەنىڭ پايتەختى نايروبى شەھىرىنىڭ كاجىئادو رايونىدا، ئەتىگەن تەرەپلەردە ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى، مەشىق مەقسىتىدە قوزغالغان ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاندا 23 كىشىنىڭ بارلىقى، قازادا 17 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى، 6 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
كېنىيە ئارمىيەسى، ھەربىي تىك ئۇچار قازاسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، ئەمما قازادا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.