ب د ت ئامېرىكانى كۇبا ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزۈۋاتقان 61 يىللىق ئېمبارگوسىغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىق قىلىنغان تەۋسىيە قارارى كۆپ سانلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە قوبۇل قىلىندى.

1664004
ب د ت ئامېرىكانى كۇبا ئېمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىن زالىدا بۇ يىل 29 – قېتىملىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاۋازغا قويۇشتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 193 دۆلەتتىن 184 ى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇباغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىغا خاتىمە بېرىشى مەزمۇن قىلىنغان تەۋسىيە قارارىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە تەۋسىيە قارارىنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كولومبىيە ۋە ئۇكرائىنا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارلىرى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر ۋاسىتە دەپ قارىلىش بىلەن بىرلىكتە، ھېچقانداق جازا يۈرگۈزۈش، ياكى ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئەمەستۇر.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاكىمىيىتى، 1960 – يىلى، 19 – ئۆكتەبىردىن بۇيان كۇباغا ئىقتىسادىي، سودا ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئېمبارگو، «زامانىۋى تارىخنىڭ ئەڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئېمبارگوسى» دەپ ئاتالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر