ئەنگلىيە رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارادېڭىزدا چېگراغا خىلاپىلىق قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ «Defender» ھەربىي پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

1663535
ئەنگلىيە رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ قارادېڭىزدا ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتى «Defender» غا ئاگاھلاندۇرۇپ ئوق ئاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: « ئەنگلىيەنىڭ ‹Defender› ناملىق ھەربىي پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقىرىلمىدى. پاراخوت خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئۇكرائىنانىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ھېچقاندان زىيانغا ئۇچرىماستىن ئۆتۈۋاتىدۇ» دېيىلدى.

رۇسىيەنىڭ قارادېڭىزدا توپ ئېتىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا قارادېڭىزدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان پاراخوتلارغا ئالدىن خەۋەر بېرىلگەنلىكىگە ئىشىنىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىغا ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئېتىلمىدى ۋە لىنيەسىگە بومبا چۈشكەنلىكىنى رەت قىلىمىز» دېيىلدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر