رۇسىيە ئايروپىلانى ئەنگلىيە پاراخوتىغا ئوق چىقاردى

رۇسىيە ئايروپىلانى قارادېڭىزدا چېگراغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى چىقاردى.

1663529
رۇسىيە ئايروپىلانى ئەنگلىيە پاراخوتىغا ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارادېڭىزدا ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ئوق ئېتىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ «Defender» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ، رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا قوشۇۋېلىنغان قىرىمنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان فەلەڭكتە چېگراغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بۇ سەۋەبتىن «Su-24M» ئايروپىلانىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «چېگرالارنى قوغداۋاتقان رۇسىيە پاراخوتى شۇ يەر ۋاقتى 12:06 ۋە 12:08 دە ئەنگلىيە پاراخوتىغا ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتتى. ‹Su-24M› ئايروپىلانى توققۇز مىنۇتتىن كېيىن ‹Defender› پاراخوتىنىڭ لىنيەسىگە ئاگاھلاندۇرۇپ بومبا ئاتتى» دېيىلدى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ قارادېڭىز فلوتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا قاراشلىق چېگرا مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى بىلەن، ئەنگلىيە پاراخوتىنىڭ چېگرادىن يىراقلاشقانلىقىنى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەنگلىيەنىڭ موسكۋا ئەلچىخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر