پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 17 كىشى يارىلاندى.

1663503
پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، لاھورنىڭ جوھار بازىرىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بىر پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. دەسلەپكى مەلۇماتلاردا، ئىككى كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 17 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان.

رايوندىكى كىشلەر، كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر توختىتىپ قويغان موتوسىكلىتنىڭ پارتلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن قايغا نۇرغۇن ساقچى، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر