مېكسىكادا بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن جېدەل - ماجىرا جانغا زامىن بولدى
مېكسىكانىڭ تاباسكو ئۆلكىسىدە بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا 6 مەھبۇس ئۆلدى، 9 مەھبۇس يارىلاندى.
1663364
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېكسىكانىڭ تاباسكو ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى ۋىللاھېرموسا شەھىرىدىكى بىر تۈرمىنىڭ قورۇسىدا ئىككى رەقىب گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا يۈز بەرگەن.
جېدەل – ماجىرادا 6 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 مەھبۇس يارىلانغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېدەل – ماجىرادىن كېيىن تۈرمە قايتىدىن كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.
مېكسىكانىڭ غەربىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پۇئېنتې گراندې تۈرمىسىدە ماي ئېيىدا يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا 7 مەھبۇس ئۆلگەن، 9 مەھبۇس يارىلانغانىدى.