2020-يىلى ئامېرىكا ساناتورىيەلەردىكى ئۆلۈملەر كۆپەيگەن

ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئەڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن 2020-يىلدا ساناتورىيەلەردىكى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ %32 كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1663176
2020-يىلى ئامېرىكا ساناتورىيەلەردىكى ئۆلۈملەر كۆپەيگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەپتىشلىرى تەييارلىغان دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2020-يىلدا، دۆلەتنىڭ سەھىيە تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ ساناتورىيەلەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ 2019-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %32 كۆپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، 2020-يىلى ساناتورىيەلەردىكى 10 بېماردىن تۆتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ۋە ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا 169 مىڭ 291 ئۆلۈم كۆپ يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

دوكلات تەييارلاشقا قاتناشقان رايونلۇق مۇئاۋىن تەپتىش خادىمى نەنسىي خارىسون (Nancy Harrison): «ساناتورىيەلەردىكى بېمارلار نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا مۇداپىئەسىز قالدى؟ بۇ مەسىلىنى يورۇقلۇققا چىقىرىشىمىز كېرەك» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ 2020-يىلىدىكى دەسلەپكى دولقۇنسىمان ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك تەتقىقات ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ساناتورىيەلەردىكى ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلاردا كۆرۈلگەن يۇقۇم ۋە ئۆلۈم نىسبەتلىرىنىڭ، ئافرىقالىق ئامېرىكالىقلار ۋە لاتىن ئامېرىكالىقلاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلاردا 2020-يىلى كۆرۈلگەن ئۆلۈم نىسبىتى %27، ئاقتەنلىكلەردە %24، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكالىقلاردا %23 بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر