ئامېرىكا: ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ

پىساكى ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «يېڭى پىرېزىدېنت سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ» دېدى.

1662551
ئامېرىكا: ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئامېرىكانىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، ئىراندىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا يېڭى پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئىبراھىم رەئىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «يېڭى پىرېزىدېنت سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ» دېدى.

پساكى ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراندىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىدىن كېيىن، بۇ دۆلەت بىلەن بولغان يادرو سۆھبىتىنىڭ قانداق داۋاملىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىران رەھبىرى ئەلى خامەنىينى بۇ سۆھبەتلەردىكى قارار چىقارغۇچى كىشى دەپ قارايدۇ. بۇ ئەھۋال سايلامدىن ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى، بۈگۈنمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى.

پساكى، ئىراننىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى رەئىسىنىڭ ئۆتمۈشتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن ئەسلىتىلىشىدىن كېيىن: «يېڭى پىرېزىدېنت سادىر قىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ. ئىران دائىرىلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئەمما تېخى كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پساكى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئىران كىشىلىك ھوقۇق ياكى رايوندىكى مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن دۇنياۋى كۈچ ئەمەس. بىز دۆلەت مەنپەئەتىمىزنى كۆزلەپ يادرو كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ كويىدا بولۇۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ نۇقتىدىن ئاتلاپ كەتمەيمىز» دېدى..

يەنە بىر تەرەپتىن، پىساكى بايدىننىڭ 25- ئىيۇن جۈمە كۈنى ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىغا «ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، بايدىن بىلەن غەنىنىڭ مەزكۇر ئۇچرىشىشتا، ئورتاق خىزمەت ساھەلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ياردىمى مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر