ئامېرىكا كابۇلدىكى كارزاي ئايرودۇرۇمىنى قوغداش توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن كېلىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمىنى قوغداشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1662386
ئامېرىكا كابۇلدىكى كارزاي ئايرودۇرۇمىنى قوغداش توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن كېلىشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كىربى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكانىڭ تولۇق چېكىنىش ۋاقىت جەدۋىلىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، (كابۇلدىكى) ھامىد كارزاي ئايرودۇرۇمىنى قوغداش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان- قىلىنمىغانلىقىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ مەزكۇر ئالاقىسىنىڭ، ئۆتكەن ھەپتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «تۈركىيە ئايرودۇرۇمنى قوغداش خىزمىتىگە باشلامچىلىق قىلىش ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلدى. بىراق، نۆۋەتتە بۇ خىزمەتنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر جەريانلار مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. تۈركىيە تەرەپ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇساپىنى قوللىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. بىز نۆۋەتتە بۇ نۇقتا ئۈستىدە خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر